ئابدۇقادﯨر داموللامنىڭ بىر زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتىقى

مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم. ئەپۇقىلىشالا! ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.      مۇددىئا نىمە؟ دەپ سورالسا، شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي- زىياپەتلەر ئىچىدە مەست-    مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن!  چۈنكى مەست- مۇستەغرەقلىق    ئارقىسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق،جاھالەت ئىچىدە ئازاب      چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ، كونا ئىزغا چۈشۈپ، يېڭىلىققا يول بەرمەي، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ مىللى خارابەت، مىللى    مۇنقەرزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ  جىم تۇرغۇسى كەلسۇن

بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى- مۇددەرىسلىرىمىز، داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما، قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇبىپەرۋالىق قىلالىسۇن! شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، بەخت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ داستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەردىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر
ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىززادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!. بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز، نىمەئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەربولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالداھوزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق


يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقب توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلش، يۇرتنڭ تەرەقىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدﯨن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نىمەئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟… نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە، نەزﯨر- چىراقتىكى سەدىقە- ئىھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازﯨرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟… بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىزگۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ، توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھىسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ ياق، ھېچنىمە قىلمىدۇق. بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق. شۇسەۋەپتىن يېتىم- يېسىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار خەيرى خاھسىز قالماقتا.


نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىل تام- دارىل ئاجىزىلەرنى قۇرۇپ، كوچىدا ئاچ- يالىڭاچ، خارۇ- زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز- مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ

ئەپسۇسكى، بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادﯨن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئېنگىلىز- شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىركۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدﯨن يىراقلاشتۇرماقتىمىز. ھەدىسە دەررە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز، ئەل رايىنى چېكىندۈرمەكتىمىز. بۇ ئىشلىرىمىزمۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، پۇرسەت بار، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت- نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!…
بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار  جاھانگىر، تاجاۋۇزچى. ئۇلار ئوغرى، بۇلاڭچى. باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا- ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ، بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر. بۇمۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايى ئاپەت! ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ، ئەخلەت دۇۋىسىگە چۆرﯨۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. ئۇلاربىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر …


قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! بىز ئەزەلدﯨن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردﯨن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر- بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىكئوردا- تەختلەرنى قۇرۇپ دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى، شۇ كۈندﯨن باشلاپ زاۋاللىققا، خار- زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق .ھازﯨرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭجانلىق دەلىلى.
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھﯩزە قىلايلى! ھازﯨرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس، غەپلەت ئۇيقۇسىدﯨن ئىرغىپ تۇرۇپ، كۆزىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا !!!


بۇزۇلۇپتۇ مىللىتىڭ دىسە
بۇ بىردەملىك قايمۇقۇش دېگىن
قىنى بەخت قۇشلىرى دىسە
ئ‍ىگەللىدى بىر ھۇۋقۇش دېگىن

ئ‍ازلاپتىغۇ ئ‍الىملار دىسە ؟
بۇ ئ‍ەڭ چوڭ بىر يوقۇتۇش دېگىن
ئ‍ەمدى نىشان نىمەڭلار دىسە
سەبىيلەرنى ئ‍وقۇتۇش دېگىن

دىسە ئ‍ۇيقۇڭ بەك قاتتىق ئ‍ىكەن
بۇ ئ‍ەللەيگە مۇڭلۇنۇش دېگىن
ئ‍ەمدى نىمە قىلماقچى دىسە ؟
قارا چۈشتىن ئ‍ويغۇنۇش دېگىن

تەقۋاسىزلىق سەۋەبى دىسە ؟
مال – دۇنياغا چوقۇنۇش دېگىن
يەنە باشقا سەۋەپلەر دىسە
 ھىسياتىغا قۇل بولۇش دېگىن

يەنە يوقمۇ سەۋەبى دىسە ؟
ئ‍ۆز – ئارا جەڭ توقۇنۇش دېگىن
قانداق قىلىش كىرەكتۇر دىسە ؟
ھەقىقەتنى تونۇتۇش دېگىن

ئ‍ەيىش – ئ‍ىشرەت ئ‍ەۋجىكەن دىسە ؟
بۇ شەيتانغا ئ‍ەل بولۇش دېگىن
قانداق قىلسا ئ‍وڭشىلار دىسە ؟
جاننى ھەققە تاپشۇرۇش دېگىن

زەئىپلىكنىڭ سەۋەبى دىسە ؟
يات خىسلە تكە قول سۇنۇش دېگىن
قوبۇل قىلسا نە بولار دىسە ؟
ئ‍ۇ غەپلەتكە كۈچ قوشۇش دېگىن

بىشى تۆۋەن خەلقىڭنىڭ دىسە ؟
ئ‍ۈمىدسىزلىك – قايغۇرۇش دېگىن
بۇنىڭ ئۈچۈن ئ‍امال سورىسا ؟
دىلنى ھەققە تولدۇرۇش دېگىن

خەلقىڭ شۇنداق ناچارمۇ دىسە ؟
خاتا تەشۋىق – ئۇختۇرۇش دېگىن
بىزلەردىكى ۋەزىپە ئ‍ەسلى 
جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش دېگىن

سۆكسە قانداق ئ‍اقىۋەت دىسە ؟
بارغانسىرى يوقۇلۇش دېگىن
شۇڭا مۇھىم ئ‍امىللار دىسە ؟
ئ‍ۆز- ئ‍ۆزىنى باشقۇرۇش دېگىن